خىتايدا تېخى 2018-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى مېھمانخانا بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇجۇ شەھىرىدە بىر مېھمانخانا بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 8 كىشى قازا قىلدى.

1674456
خىتايدا تېخى 2018-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى مېھمانخانا بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇجۇ شەھىرىدىكى مېھمانخانا بىناسى خارابىلىكى ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

خىتاي جىددى ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترىتى رايونغا ئەۋەتىلگەن ۋە ھازىرغىچە 8 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

باياناتتا 14 كىشىنىڭ مېھمانخانا بىناسى خارابىلىكى ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى لېكىن 9 كىشىدىن تېخچە  خەۋەر يوقلۇقى ئۇقتۇرۇلدى.

54 ياتاقلىق مېھمانخانىنىڭ 2018-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى بىنا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر