بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئىران كونتروللۇقىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى.

1673687
بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئىران كونتروللۇقىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى كىچىك بالا يارىلاندى.

ھامانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان جۇرىن بازىرىدىكى بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدا «M4» تاشيولى ئۈستىدىكى ھىمەيمەت ۋە ھامانىڭ غەربىدىكى كىلەيدىن، زەككۇم ۋە كاستۇن يېزىلىرىنى قۇرۇقلۇقتىن ئوققا تۇتۇپ، ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى.

ھۇجۇمدا، بىر كىچىك قىز بالا جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى كىچىك بالا يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر