G7 دۆلەتلىرى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلىدۇ

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون G7دۆلەتلىرىنىڭ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كەمبەغەل دۆلەتلەرگە جەمئىي 1 مىليارد دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ۋاكسىناسى ئىئانە قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1656168
G7 دۆلەتلىرى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى G7 دۆلەتلىرىنىڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئىئانە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئەنگلىيە ۋاكسىنا پىروگراممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئاشقان ئارتۇق ۋاكسىنامىزنى ئېھتىياجلىق بولغانلار بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان ئەھۋالدىمىز. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋابانى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن زور قەدەم تاشلايمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، بورىس جونسوننىڭ G7 رەھبەرلىرىنىڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرگە جەمئىي 1 مىليارد دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئىئانە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە زاكاس قىلغاندىن ئېشىپ قالغان 100 مىليون دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئىئانە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر تارقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر