ئامېرىكادا ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرگە مىلتىق مۇكاپات بېرىلىدۇ

ئامېرىكانىڭ غەربىي ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدا كىشىلەرنى ۋاكسىنا ئەملەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە، مۇكاپات سۈپىتىدە قورال بېرىلىدۇ.

1650342
ئامېرىكادا ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرگە مىلتىق مۇكاپات بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى جىم جاستىس (Jim Justice) دادىلار بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە 1 مىليون دوللار مۇكاپات تارقىتىلىدىغان ۋاكسىنا ئەملەش لاتارىيە پائالىيىتىدە، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرگە ئوقۇش مۇكاپاتى، ئەسلىھەلىرى تولۇق يۈك ئاپتوموبىلى، ئىشتاتتىكى باغچىلارغا ھەقسىز كىرىش، ئوۋچىلىق ۋە بېلىقچىلىق گۇۋاھنامىسى بېرىشتىن باشقا، قورال بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئوۋچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بەش دانە مەخسۇس ئوۋ مىلتىقى ۋە بەش دانە يەل مىلتىق پائالىيەتكە قاتناشقانلارغا بېرىلىدۇ.

ئامېرىكادا ۋاكسىناغا قارشى ھەر خىل قاراشلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر