ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون مەخپىي مۇراسىمدا توي قىلدى

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون بولغۇسى ئايالى كارى سىموندس بىلەن ۋېستمىنىستېر چوڭ چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخپىي مۇراسىمدا توي قىلدى.

1648190
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون مەخپىي مۇراسىمدا توي قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 56 ياشلىق باش مىنىستىر جونسون 33 ياشلىق بولغۇسى ئايالى سىموندس بىلەن ۋېستمىنىستېر چوڭ چېركاۋىدا ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلىرى قاتناشقان 30 كىشىلىك كىچىك مۇراسىمدا توي قىلغان.

باش مىنىستىرنىڭ 10-نومۇرلۇق ئىشخانىسى بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋە دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئارلېن فوستېر تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا جونسون ۋە سىموندسنىڭ توي قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

2019-يىلى 12-ئايدا توي قىلىشقا ئەھدىلەشكەن بۇ بىر جۈپلارنىڭ ۋىلفرېد لاۋرى نىكولاس جونسون ئىسىملىك ​​بىر ئوغلى بولغان ئىدى.

جونسوننىڭ ئىلگىرىكى ئايالىدىن 4 بالىسى بار بولۇپ، 2018-يىلى ئاجراشقان ۋە ھازىرقى ئايالىدىن توي قىلماي تۇرۇپ 1 بالىسى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر