ناسا ئىستانبۇلنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان فوتو - سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسا ئىنستاگرامدىكى ئادرېسىدا ئىستانبۇلنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان بىر پارچە فوتو – سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى.
1646423
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسا ئىنستاگرامدىكى ئادرېسىدا ئىستانبۇلنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان بىر پارچە فوتو – سۈرىتىنى «ئەي ئىستانبۇل، پارقىراۋاتىسەن» دېگەن ئىبارە بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلاشتى.
ناسانىڭ «ئىستانبۇل بوغۇزى بىلەن قولتۇق ئىككىگە ئايرىپ تۇرغان شەھەرنىڭ كېچە چىراغلىرىغا قاراڭلار» دېيىلگەن ئىنستاگرام ئۇچۇرىدا، سۈرەتنىڭ 2021 – يىلى 10 – ماي خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى تەرىپىدىن قارا دېڭىزنىڭ 262 مىل يۈكسەكلىكىدىن تارتىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.