بايدىن بىلەن پۇتىن جەنۋەدە يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 16-ئىيۇن (2021) شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە كۆرۈشىدۇ.

1645596
بايدىن بىلەن پۇتىن جەنۋەدە يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى ۋە ئاقساراي ئارقا-ئارقىدىن پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن پۇتىننىڭ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە، نۆۋەتتە تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان بارلىق مەسىلىلەردىن باشقا، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە رايونلۇق توقۇنۇشلارنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

16-ئىيۇن جەنۋەدە كۆرۈشۈش قارارى، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ بىر قانچە ئاي داۋاملاشقان «مۇۋاپىق ئۈچىنچى دۆلەت ئۈستىدە ئىزدىنىش» تىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ مارت (2021) تا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۇتىننى «قاتىل» دەپ ئاتىشى ۋە ئارقىدىن يولغا قويۇلغان ئېمبارگو نەتىجىسىدە تېخىمۇ يۈكسەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر