پىرۇدا كوۋىد-19 غا قارشى ئاقارتىش دورىسىنى ئىچىش تەكلىپى ماقۇللاندى

پىرۇدا پالاتادا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئاقارتىش دورىسىنى ئىچىشنىڭ ياكى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنى داۋالىيالايدىغان ياكى داۋالىيالمايدىغانلىقىنى ئاۋازغا قويۇلدى.

1640059
پىرۇدا كوۋىد-19 غا قارشى ئاقارتىش دورىسىنى ئىچىش تەكلىپى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ تەكلىپ 39 غا قارشى 49 بېلەت بىلەن قوبۇل قىلىندى.

پالاتانىڭ قارارىغا ئېغىر كېسەللەر مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى ۋە بىر قىسىم سىياسىي پارتىيەلەر قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

بىنەپشە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى ئېد مالاگا-تىرىلو بۇ قارارغا «نۇمۇس قىلارلىق» دەپ باھا بەردى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاقارتىش دورىسىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى مىكروبسىزلاندۇرۇش، سانائەت ماشىنىلىرىنى تازىلاش ياكى ياغاچ ۋە توقۇمىچىلىق ماتېرىياللىرىنى ئاقارتىش قاتارلىق سانائەت خىزمەتلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئادەم بەدىنىگە ئىشلىتىلگەندە ئىچكى قاناش، نەپەس يولى زەئىپلىشىش ۋە جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ئاجىزلاش قاتارلىقلار ھالاكەتلىك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 


خەتكۈچ: #كوۋىد-19 , #پىرۇ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر