ب د ت لىۋىيە يىغىنى ھەققىدە باياننامە ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتپاقى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلغان لىۋىيە يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى.

1625544
ب د ت لىۋىيە يىغىنى ھەققىدە باياننامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە كىرىزىسنى كەڭ دائىرىلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئادەمنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشى، مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ تولۇق قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

لىۋىيەدە 24 – دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلاملارنىڭ ئورتاق بىر قانۇق دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن باياننامىدە، سايلاملارنىڭ «كەڭ دائىرىلىك، ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئىشەنچىلىك» رامكىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقى بىلدۈرۈلدى.

باياننامىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال – ياراغ ئېمبارگولىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئەيىبلىنىپ، چەت ئەل ھەربىي مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ھەمدە چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن ياللانماس ئەسكەرلەرنىڭ لىۋىيەدىن چىقىپ كېتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر