ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ ئىندىياناپولس (Indianapolis) شەھىرىدە توشۇمىچىلىق خىزمىتى بېرىدىغان فېدئېكس (FedEx) شىركىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى.

1622691
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئىندىياناپولس (Indianapolis) شەھىرىدە توشۇمىچىلىق خىزمىتى بېرىدىغان فېدئېكس (FedEx) شىركىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى.

ئىندىياناپولىس ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدىكى شىركەت ئورنىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا، نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى توغرىسىدا ھازىرچە مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ۋەقەنى شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈلىشىچە، شىركەت خادىمى دەپ قارالغان ھۇجۇمچى قولىدىكى يىنىك تىپلىق ئاپتوماتىك قورالدىن ئەتراپقا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

شىركەتنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا: «ئىندىياناپولىس ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدىكى فېدئېكس شىركىتى ئورنىدا يۈز بەرگەن تىراگېدىيەلىك قوراللىق ھۇجۇمدىن خەۋەر تاپتۇق. بىخەتەرلىك ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋەزىپىمىز. چۈشەنچىلىرىمىز ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ھەممە كىشىلەر بىلەن ئوخشاش» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر