گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئەتە (2021-يىلى 16-ئاپرېل) ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ دۆلەتنىڭ «كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى» غا قاتنىشىدۇ.

1622062
گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالىي يىغىنىدا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا بېيجىڭدىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ يىغىنغا قاتنىشىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر