بلىنكېن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى راب بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئايال پادىشاھ 2- ئېلىزابېتنىڭ يولدىشى شاھزادە فىلىپنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

1618920
بلىنكېن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس يازما باياناتىدا، بلىنكېننىڭ راب بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، شاھزادە فىلىپنىڭ 99 ياشتا قازا قىلغانلىقىغا تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېد پرايس ئىككى مىنىستىرنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بلىنكېن ۋە راب يەنە، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئىككى مىنىستىر رۇسىيەنىڭ ئەسكەر توپلاشنى توختىتىشى ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى سۆزلەردىن بالدۇرراق ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر