تۇنىس پىرېزىدېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىشېل بىلەن كۆرۈشتى

تۇنىس ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قالايمىقان كۆچنىڭ تېگىدە ياتقان ئىشسىزلىق ۋە كەمبەغەللىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.

1615478
تۇنىس پىرېزىدېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىشېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتى كايس سەئىد رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۇنىسقا يېتىپ كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلدى.

تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كۆرۈشۈشتە، تۇنىس بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد، ئالىي مائارىپ ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)  نىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

تۇنىس پىرېزىدېنتى كايس سەئىد قالايمىقان كۆچنىڭ تېگىدە ياتقان ئىشسىزلىق ۋە كەمبەغەللىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ كۆلەملىك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۇنىس ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، ئورتاق ئەھمىيەت بېرىدىغان ساھەلەردىكى مەسىلىلەردە دىيالوگ ئورنىتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنىستىكى دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسىنى قوللاش نۇقتىسىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى قوللاش ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر