بلىنكېن ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەنىڭ «ئۇرۇشقاقلىقى» غا قارشى ئامېرىكانىڭ «ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە سادىقلىقىنى» نى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

1612723
بلىنكېن ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا (Dmitro Kuleba) نىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەنىڭ دونباس ۋە قىرىمدا داۋاملاشقان ئۇرۇشقاقلىقىغا قارشى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان تەۋرەنمەس سادىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى» دېيىلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى جىددىيچىلىك توغرىسىدا ئەندىشەسىنى تىلغا ئېلىپ، جېنىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى دېموكراتىك ئىدارە-ئورگانلارنى كۈچەيتىش ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوغداشنى ئەسكەرتكەن. ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشگە قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

دونباسنىڭ شۇمى رايونىدا 26-مارت (2021) رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، تۆت ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

مەزكۇر رايوندا نامدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 2014-يىلىدىن بۇيان داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر