تۈركىيە  ئىتالىيەدە  8- پەخرىي كونسۇلخانىسىنى ئاچتى

تۈركىيەنىڭ ئىتالىيەدىكى 8- پەخرىي كونسۇلخانىسى ئىتالىيەنىڭ شەرقىدىكى راۋېننا شەھىرىدە ئېچىلدى.

1611990
تۈركىيە  ئىتالىيەدە  8- پەخرىي كونسۇلخانىسىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات سالىم ئەسەنلى راۋېننا شەھىرىگە بېرىپ، تۈركىيەنىڭ پەخرىي كونسۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن دېڭىز-ئوكيان قانۇن مۇتەخەسسىسى، ئادۋوكات ماۋرىزىئو مائورو بىلەن پەخرىي كونسۇلخانىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەستى.

شۇنىڭ بىلەن راۋېننا پەخرىي كونسۇلخانىسى، تۈركىيەنىڭ ئىتالىيەدىكى ئانكونا، بىرىندىسى، بارى، گېنوۋا، تىرىستې، ۋېنىتسىيە ۋە سىراكۇس شەھىرىلىرىدىن كېيىن ئېچىلغان 8 – ۋاكالەتخانىسى بولدى.

باش ئەلچىسى مۇرات سالىم ئەسەنلى راۋېننا پورتىدىكى يولۇچىلار تېرمىنالى قىسمىنىڭ چوڭ ھەسسىدارى تۈركىيە خۇسۇسىي سودا ساھەسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بىر پورت شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سودىمىز  نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنداق جايدا پەخرىي باش كونسۇلىمىزنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر