ب د ت ئامېرىكانى يەر شارى خاراكتېرلىك پىلانغا رەھبەرلىك قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يەر شارى خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ئەملەش پىلانغا باشلامچىلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1611181
ب د ت ئامېرىكانى يەر شارى خاراكتېرلىك پىلانغا رەھبەرلىك قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىيو گۇتېرېش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئوچۇق بۆلۈمىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە كۆپ تەرەپلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەسىلىسىدە تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنىڭ مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» غا قايتىشىنىڭ دۇنياغا ئۈمىد سىگنالى يوللىغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە مۇھىم ھەمكارلىق نامايەندىسى  ئىكەنلىكىنى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يەر شارى خاراكتېرلىك پىلانغا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ ھەقتە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن، 20 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىگە بۇ پىلاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى شەكىللەندۈرۈش تەكىپىنى سۇندۇم، ئەمما تەسىرى كۈچلۈك بىر ئامېرىكا رەھبەرلىكى بولماي تۇرۇپ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر