نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكوھارامغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئونلارچە تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1610302
نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكوھارامغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 48 تېرورچى ئۆلتۈرۈلۈپ، 11 تۇتقۇن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

نىگېرىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى مۇھەممەد يېرىما، بورنو ئۆلكىسىنىڭ چىبوك ۋە ئاسكىرا رايونلىرىدا بوكو ھارامغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، بوكو ھارامنىڭ 48 ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، يارىلانغان نۇرغۇن تېررورچىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بوكو ھارام تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 11 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى، قۇتقۇزۇلغانلاردىن بىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر