سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق تەشەببۇسىدا بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى كرىزىسنى تۈگىتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تىنچلىق تەشەببۇسىدا بولدى.

1606616
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق تەشەببۇسىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە فايسال بىن فارخان ئەل سەئۇد بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يەمەن مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەل سەئۇد ئىران قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان خۇسىيلار بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر تىنچلىق تەشەببۇسى دائىرىسىدە، سانا ئايرودورۇمىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى ۋە ھۇدەيدە پورتىدىن يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىك ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

ئەل سەئۇد بۇ تەشەببۇسنىڭ ب د ت نىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گىرىفتس ۋە ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى تىموتىي لېندېرىڭنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئوماننىڭ ئوينىغان ئىجابىي رولىنى قوللاش دائىرىسىدە باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەمەن ھۆكۈمىتىنى ۋە خۇسىيلارنى بۇ تەشەببۇسنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

يەنە بىر تەرەپتىن يەمەن ھۆكۈمىتى بۇ تەشەببۇستىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر ۋەزىيەتتە، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار تىنچلىق تەكلىپىگە سوغۇق قاراپ كەلمەكتە.

خۇسىيلارنىڭ باياناتىدا ھاۋا ۋە دېڭىز ئېمبارگوسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر