خىتاي تېسلا ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ھەربىي مۇئەسسەسەلەرگە كىرىشىنى چەكلىدى

خىتاي ئارمىيەسى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئامېرىكا توك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى تېسلا شىركىتىنىڭ تېسلا ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەربىي بىنالار ۋە تۇرالغۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى.

1605102
خىتاي تېسلا ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ھەربىي مۇئەسسەسەلەرگە كىرىشىنى چەكلىدى

 

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:Bloomberg نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي  قوراللىق قىسىملىرى، تېسلانىڭ ئاپتوموبىللىرىدىكى كامېرالاردىن ھەربىي مۇئەسسەسەلەردىن  «سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلار» نى توپلاش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، تېسلا ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ھەربىي مۇئەسسەسەلەرگە كىرىشىنى چەكلىگەن.

ھەربىي دائىرىلەرگە چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقتا، «تېسلانىڭ ئاپتوموبىللىرىدىكى كۆپ يۆنىلىشلىك كامېرا ۋە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدىكى سېنزورلارنىڭ بەزى جايلارنى ئاشكارىلىشى مۇمكىنلىكى ۋە ھەربىي مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ھەربىي مۇئەسسەسەلەرگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى» قەيت قىلىنغان، ھەمدە تېسلا ماركىلىق ئاپتوموبىل ساھىبلىرىنىڭ، ماشىنىسىنى ھەربىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ سىرتىدا توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تېسلا ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ، ماشىنا توختىتىش ۋە تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، ماشىنا ئىچى - سىرتىدا كۆپ ساندا كامېراسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر