بايدىن ھۆكۈمىتى كۆچمەن بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى قەدىمىنى باستى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن كۆچمەن ياشلارنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىلگىچە تۇرۇشى ئۈچۈن داللاستىكى كونگرە مەركىزىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1602209
بايدىن ھۆكۈمىتى كۆچمەن بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى قەدىمىنى باستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئا پ خەۋەر ئاگېنتلىقى (AP) نىڭ داللاس شەھەرلىك كېڭىشىدىن ئالغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 15 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 3 مىڭغىچە كۆچمەن ياشنىڭ رەسمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى قەدەم تاشلاشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.

جو بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ جەنۇبى چېگراسىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن مەزكۇر كۆچمەنلەرنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شارائىتلىرىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى بېسىملارغا دۇچ كەلگەن ۋە داللاستىكى كېي بايلې خاتچىسون (Kay Bailey Hutchison) كونگرە مەركىزىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان.

ئەسكەرتىلىشىچە، كونگرە مەركىزى مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، بۇ مەقسەتتە ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي ئىشلىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئىشتاتلاردا كۆچمەن بالىلار ۋە ياشلارنىڭ رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگىچە تۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى بىنالارنى تاييارلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار، تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالدى.

جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكاغا كەلگەن كۆچمەنلەر سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ترامپنى «كۆچمەن بالىلارغا قاراشنى نەزەردىن ساقىت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن جو بايدىن، كۆچمەن بالىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر