بېرمادىكى نامايىشتا بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى

بېرمادا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە  ۋە  سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ قاماققا تاشلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى.

1600826
بېرمادىكى نامايىشتا بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك ئاخبارات ئورگىنى «بېرما ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېرمانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى نامايىشلاردا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىپ نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلغان.

يۈز بەرگەن ۋەقەلەر نەتىجىسىدە، ماندالايدىكى نامايىشتا 2 ئايالنى قوشقاندا 5 كىشى قازا قىلغان، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ياڭگوندا 4 ئادەم قازا قىلغان بولسا، پىياي شەھىرىدىكى نامايىشتا 19 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 گە يەتكەن.

بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق ئارىلىشىشىغا قارىماستىن، دۆلەت مىقياسىدا سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

ياڭگون، ماندالاي، ماگۋاي، ساگىڭ ۋە باگو قاتارلىق رايونلاردا خەلق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر