ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى بىلەن باش مىنىستىرى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلدى

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇرغان ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ئونىك گاسپارياننىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 10-مارت) دىن باشلاپ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1598480
ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى بىلەن باش مىنىستىرى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ئارمېن ساركىسيان پاشىنياننىڭ گاسپارياننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان قارارنامەنى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ئەۋەتتى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پاشىنيان پىرېزىدېنت ساركىسياننىڭ گاسپاريان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان قارارنامەنى ئىمزالىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قانۇن بويىچە قارارنامەنى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئەۋەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاشىنيان: «بۈگۈندىن باشلاپ ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ئونىك گاسپاريان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىلگىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قارارنامەنىڭ ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ساركىسياننىڭ قارارنامەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ساركىسيان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى رامكىسىدا، گاسپارياننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى توغرىسىدا كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ۋە قارار چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى قارارى ۋە ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر، مەۋجۇت ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك ھازىرقى ۋە كېلەچەكتىكى مۇساپىلەرگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېدى.

ساركىسيان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋاپىق قارار بېرىشىنىڭ، مەۋجۇت كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ئونىك گاسپاريان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار، 2021-يىلى 25-فېۋرال باش مىنىستىر پاشىنيان ئىستېپاغا چاقىرىلغان خىتابنامىگە ئىمزا قويۇپ، پاشىنيانغا ئۇلتىماتوم تاپشۇرغان ئىدى. پاشىنيان بولسا، دەرھال ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى گاسپارياننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىستېپا چاقىرىقىنى «ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى» دېگەن ئىدى.

ئۆكتىچىلەرنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولغان پىرېزىدېنت ساركىسيان، گاسپاريان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان قارارنامەنى ئىمزالىمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر