پاپانىڭ ئىراق زىيارىتى داۋاملاشماقتا

كاتولىكلارنىڭ دىنىي داھىيسى رىم پاپاسى فرەنسىسنىڭ ئىراق زىيارىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىلىدىغان زىقار (ناسىرىيە) ۋىلايىتىنىڭ ئۇر شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.

1596243
پاپانىڭ ئىراق زىيارىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇر شەھىرىدە پاپانى، مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان ئالىملار قارشى ئالدى.  پاپانىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى ئۇر شەھىرىدە ھەج مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

پاپا فرەنسىس، ئۇر شەھىرىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن، نەجەفتە شىئەلەرنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ئەلى ئەسسىستانى بىلەن كۆرۈشكەن، كۆرۈشۈش، سىستانىنىڭ ئۆيىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

پاپا فرەنسىس، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى ۋە ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن كۆرۈشكەن، ھەمدە باغدادتا «سەييىدەتۇن نەجاد چېركاۋى» نىمۇ زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر