بېرمادىكى نامايىشلاردا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلدى

بېرمادا نامايىشقا قاتناشقان نۇرغۇن ساندا تېببىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساقچى ئاپتوموبىللىرى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە شەھەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مىلتىق ئاۋازلىرى ئاڭلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1592128
بېرمادىكى نامايىشلاردا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرمادا ئارمىيە 2 -فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت مىقياسىدا سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى قوزغالغان نامايىشلاردا تەخمىنەن 800 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ياڭگوندىكى خلېدان مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تېببىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۈگۈن ساقچى ئاپتوموبىلىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە شەھەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بېرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلامدا ئالدامچىلىق بار، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ  دۆلەت ئىچىدە جىددىيلىكنى كۈچەيتىشىدىن كېيىن، 1-فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

ھەربىي ھاكىمىيەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چى قاتارلىق نۇرغۇن مەسئۇللارنى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان ۋە دۆلەتتە بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر