ياپونىيەدە يېڭى توغۇلغان بوۋاقلار نىسبىتى رېكورت دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

ياپونىيەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نىسبىتى ئۆتكەن يىلى رېكورت دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 872 مىڭ 683 گە چۈشۈپ قالدى.

1588807
ياپونىيەدە يېڭى توغۇلغان بوۋاقلار نىسبىتى رېكورت دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى يىللىق تۇغۇلۇش، ئۆلۈش ۋە توي قىلىش نىسبىتىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىلىدى.

يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ياپونىيەدە تۇغۇلۇش نىسبىتى 2019 - يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 25 مىڭ 917 بوۋاق تۆۋەنلەپ، 872 مىڭ 683 كە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، مىنىستىرلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە «رېكورت» دەرىجىدىكى تۆۋەنلەش دەپ باھا بەردى.

پۈتۈن ياپونىيە مىقياسىدىكى قازا قىلغانلار سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 9 مىڭ 373 ئادەم ئازىيىپ، 1 مىليون 384 مىڭ 544 كە قىسقارغان.

ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكىنى نىكاھ سانى 2019 - يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 78 مىڭ 69 ئازىيىپ، 537 مىڭ 583 كە چۈشكەن.

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019 - يىلى ياپونىيە مىقياسىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى تۇنجى قېتىم 900 مىڭدىن تۆۋەن بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر