كېڭەش پالاتاسى ترامپنى سوتلاشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش» تەلىپى بىلەن سوتلىنىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتا، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن دېگەن نەتىجە چىقتى.

1580667
كېڭەش پالاتاسى ترامپنى سوتلاشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتاسى 6-يانۋار (2021) يۈز بەرگەن كونگرەگە بېسىپ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان پىرېزىدېنتنى سوتلاش ياكى سوتلىماسلىق ئۈستىدە بېلەت تاشلىدى. 44 جۇمھۇرىيەتچى ترامپنى سوتلاش ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، 56 جۇمھۇرىيەتچى بولسا، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن دەپ بېلەت تاشلىدى. كېڭەش پالاتاسىدىكى 50 دېموكرات ئەزادىن باشقا، ئالتە جۇمھۇرىيەتچى ئەزانىڭ ترامپقا قارشى بېلەت تاشلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ترامپنىڭ «جىنايەتچى» دەپ بېكىتىلىشى ئۈچۈن 67 ئاۋازنىڭ كېرەكلىكى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى قەيت قىلىنماقتا.

كېڭەش پالاتاسى بۈگۈن (2021-يىلى 10-فېۋرال) مۇ توپلىنىدۇ. 100 كىشىلىك پالاتادا، سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «جىنايەتچى» دەپ بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 3 تىن 2 قىسىم (67 كېڭەش پالاتا ئەزاسى) ئەزا ترامپنى ئەيىبلەپ بېلەت تاشلىشى كېرەك.

دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر 50 دىن ئەزاغا ئىگە كېڭەش پالاتاسىدا، ترامپنىڭ ئاقلىنىشى پەرەز قىلىنماقتا.

بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە، ترامپنى «ئىسيان قىلىشقا كۈشكۈرتۈش» بىلەن ئەيىبلەپ چىقىرىلغان «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش» تەلىپى، 14-يانۋار ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر