بېن ۋاللېس: دۇنيا مىقياسىدا خىمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك ھۇجۇم تەھدىتلىرى كۈچەيمەكتە

ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ۋاللېس خىمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك ھۇجۇم تەھدىتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بېكىتىلگەن خەلقئارا قائىدىلەرگە سەل قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

1580649
بېن ۋاللېس: دۇنيا مىقياسىدا خىمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك ھۇجۇم تەھدىتلىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېن ۋاللېس «تايمىس گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، بەزى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەنگىلىيە ۋە سۈرىيەدە قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇملاردىن كېيىن، رەقىبلىرىگە قارشى بۇ خىل خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلىتىشنىڭ قوبۇل قىلىنارلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاللېس ئىنتېرنېتنىڭ خىمىيەلىك ياكى بىئولوگىيىلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىپ، ئىشلەپچىقارماقچى بولغان تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە دۆلەتلەرگە نىسبەتەن «كاتتا ياردەمچى» بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۇنيا مىقياسىدا خىمىيەلىك ياكى بىئولوگىيەلىك ھۇجۇم تەھدىتلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ ئىنتېرنېتنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىغا باغلىق. سۈرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى ئۆز خەلقىگە ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىسىز. بۇ دۇنيا تەرتىپىنىڭ بىر خىل يىمىرىلىش جەريانىدا كۆرۈلىۋاتقان ئەھۋاللار» دېدى.

ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يەنە، سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سكرىپال ۋە قىزىنىڭمۇ 2018-يىلى ئەنگىلىيەدە خىمىيەلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر