بېرمانىڭ بىر قانچىلىغان شەھەرلىرىدە ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلار باشلاندى

بېرمانىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھىرى ياڭگوندا مەيدانغا يىغىلغان مىڭلىغان كىشى، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1578694
بېرمانىڭ بىر قانچىلىغان شەھەرلىرىدە ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلار باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار سۇ چىنىڭ پارتىيەسى مىللىي دېموكراتىك بىرلەشمىسى (NLD) غا سىمۋول قىلىنغان قىزىل شارلارنى كۆتۈرۈشۈپ،  «ھەربىي مۇستەبىتلىكنى ئەمەس، دېموكراتىيەنى خالايمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

ماۋلامىن شەھىرىدە تەخمىنەن 100 كىشىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كوچىلارغا چىققانلىقى، ماندالايدىمۇ بىر تۈركۈم دوختۇرلارنىڭ ئاممىۋىي ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياڭگون شەھىرىدە تۈنۈگۈن مىڭلىغان كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، ھەربىي ھۆكۈمەت دۆلەت مىقياسىدا ئىنتېرنېتنى بىر مەزگىل توسۇشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر