رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ناۋالنينىڭ دوختۇرى تۇيۇقسىز جېنىدىن ئايرىلدى

رۇسىيە ئۆكتىچى رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالني (Aleksey Navalny) زەھەرلەنگەندىن كېيىن ئاپىرىلغان دوختۇرخانىدا داۋالاشقا مەسئۇل بولغان دوختۇر جېنىدىن ئايرىلدى.

1578033
رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ناۋالنينىڭ دوختۇرى تۇيۇقسىز جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئومسك (Omsk) شەھىرىدىكى دوختۇرخانا ئۆكتىچى رەھبەر ناۋالنىي زەھەرلەنگەندىن كېيىن داۋالاشقا مەسئۇل 55 ياشلىق دوختۇر سېرگېي ماكسىمىشىن (Sergey Maximishin) نىڭ تۇيۇقسىز جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆكتىچى رەھبەر ناۋالني ئۆتكەن يىلى (2020) ئاۋغۇستتا بىر ئايروپىلاندا سەپار قىلىش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئەھۋالى ناچارلاشقان ۋە ئومسك شەھىرىدىكى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ئىدى. بۇ يەردە بىر مەزگىل ناۋالنينىڭ داۋالىنىشىغا مەسئۇل بولغان پىشقەدەم دوختۇر، خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماي، مەتبۇئاتلارغا ناۋالنينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

ئومسكتىكى دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن داۋالانغان ناۋالني، كېيىنچە گېرمانىيەپايتەختى بېرلىندىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن ئىدى. بۇ يەردىكى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ناۋالنينىڭ «نوۋىچوك»  گۇرۇپپىسىغا تەۋە بىر خىمىيەلىك ماددا بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

غەرب دۆلەتلىرى ناۋالنينىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما، رۇسىيە دائىرلىرى بۇنى كەسكىن رەت قىلماقتا.

ناۋالنينى ياخشى تونۇيدىغان لېيونىد ۋولكوۋ (Leonid Volkov)، س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ناۋالنينى داۋالاشىقا مەسئۇل بولغان دوختۇرنىڭ، ناۋالنينىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا دوختۇرنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، رۇسىيەدىكى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى سەۋەبىدىنمۇ دوختۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى.

ئومسك سەھىيە ئورگىنىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  «ماكسىمىشىننىڭ 28 يىل دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئۇ بۇ دۇنيادىن ناھايىتى بالدۇر ئايرىلدى» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر