ترامپنى «دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كېرىش جىنايەتچىسى» دەپ بېكىتىش تەلەپ قىلىنماقتا

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 6-يانۋاردىكى «دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كېرىشنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارى» دەپ ئەيىبلەندى.

1576354
ترامپنى «دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كېرىش جىنايەتچىسى» دەپ بېكىتىش تەلەپ قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ئەيىبنامە كېلەر ھەپتە كېڭەش پالاتاسىدا باشلىنىشىئېھتىماللىقى بولغان «ئەيىبلەش سوتى» دىن ئىلگىرى ئاممىغا ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغا  ئەيىبنەمىلەرگە ئاساسلانغاندا، دونالد ترامپ دۆلەت مەجلىسىگە قىلىنغان قانلىق ھۇجۇمدا «ئاممىنى ئىسيانغا كۈشكۈرتۈش» ۋە كېيىنكى يۈز بەرگەن زوراۋانلىقنىڭمۇ «بىۋاستە جاۋابكارى» دەپ ئەيىبلەنگەن.

كېڭەش پالاتاسىدىكى «ئەيىبلەش سوتى» دا، تراپپنى ئەيىپلەش مۇپەتتىشى رولىغا ئىگە دېموكراتچى پالاتا ئەزالىرى تەييارلىغان ئەيىبنامىدە،  تىرامپنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن «جىنايەتچى» دەپ بېكىتىلىپ رەسمىي ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەيىبنامىدە: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئوچۇق ئاشكارا جاكارلىنىشى لازىم. ئۇنىڭ قىلمىشى ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت سىستېمىمىزغا ۋە بىز قوغداۋاتقان ئاساسلىق ئەركىنلىكلەرگە تەھدىت سالدى» دېگەن ئىبارەىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ترامپنى «رەسمىي ئەيىبلەش سوتى»نىڭ  ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئەيىبنامىگە قارشى ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭمۇ مۇداپىئەنامە تەييارلىشى ۋە ھەپتە بېشىغىچە پالاتاغا شۇنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بىر ساقچىنى قوشقاندا، جەمئىي 5 كىشى قازا قىلغان دۆلەت مەجلىسى  بىناسىغا بېسىپ كېرىش دېلوسىدا «توپىلاڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئەيىبلەش ماددىسى 14-يانۋاردا ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر