ئامېرىكادا 2020- يىلىدا جىنايەت نىسبىتى %30 ئاشتى

ئامېرىكادا كوۋىد-19 يۇقۇمى ۋە سوت، ئەدلىيە كومىتېتى بىلەن مەركىزى خوستونغا جايلاشقان «ئارنولد ۋېنچۇرېس» ناملىق ئورگان بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتتا، ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان 34 شەھەردىكى جىنايەت نىسبىتى تەكشۈرۈلدى.

1575831
ئامېرىكادا 2020- يىلىدا جىنايەت نىسبىتى %30 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈلگەن 34 شەھەرنىڭ 29 ىدا، 2019-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 2020- يىلى جىنايەت نىسبىتى %30 ئاشقان.

تەتقىقاتتا ئەڭ كۆپ جىنايەت يۈز بەرگەن شەھەرنىڭ س ت. لۇيىس (St. Louis) ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

شەھەردە 2020-يىلى 262 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 267 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن 1993-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇتەخەسىسلەر، ساقچىلار بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە زوراۋانلىققا قارشى خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىدا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر