باغداتتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلغۇچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەس، ئىراقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئىراق ئارمىيەسى 21-يانۋار پەيتەخت باغداتتا يۈز بەرگەن ۋە  32 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان 2 ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ  ئىراق پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1570302
باغداتتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلغۇچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەس، ئىراقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى يەھيا رەسۇل دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، باغداتنىڭ مەركىزىدىكى تاياران مەيدانى كونا بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەر سېتىلىدىغان ھەمدە دائىم تۆۋەن كىرىملىك ​​كىشىلەر كۆپ كېلىدىغان بازاردىكى ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باياناتچى يەھيا رەسۇل: «ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئالاقىدار ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىراق پۇقراسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

يەھيا رەسۇل ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئادەم بومبىلاردىن بىرسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىكەنلىكىگە دائىر رەسىملەر ھەمبەھىرلەنگەنلىكىنى، بىراق مەزكۇر كىشىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۆز دۆلىتىدىكى بىر پائالىيەتتە بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پايتەخت باغداتتا 21-يانۋار بىر بازارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 32 كىشى قازا قىلىپ، 110 كىشى يارىلانغان ئىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر