ئامېرىكا كونگرەسىدە قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكادا 3-نويابىر (2020) سايلىمىدا كونگرەنىڭ كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلانغانلارنىڭ قەسەم بېرىشى بىلەن، ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ 117-نۆۋەتلىك مەزگىلى رەسمىي باشلانغان بولدى.

1556943
ئامېرىكا كونگرەسىدە قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنىس كېڭەش پالاتاسىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا، يېڭىدىن سايلانغان 32 ئەزا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

3-نويابىردىكى سايلامدا كىمنىڭ سايلانغانلىقى ئېنىق بولمىغان ۋە 5-يانۋار 2- ئايلانمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جورجىيا سايلىمى ئاساسىي كۈنتەرتىپتە تۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ كېڭەش پالاتاسىدا 50 ئەزاسى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ غەلىبە قازىنىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملاردا پۈتۈنلەي يېڭىلىنىدىغان ۋە 435 ئورۇنغا ئىگە ئاۋام پالاتاسىدىمۇ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

نەنسىي پېلۇسى خانىم بىلەن جۇمھۇرىيەتچى ۋەكىل كېۋىن مېككارسى (Kevin McCarthy) ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن رىقابەتلەشتى. نەنسىي پېلۇسى خانىم 216 ۋەكىلنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، ئىككى يىللىق   پالاتانىڭ باشلىقلىقىغا قايتا سايلاندى. كېۋىن مېككارسى 209 ئاۋازغا ئېرىشتى.

3-نويابىردىكى سايلامدا دېموكراتلار ئاۋام پالاتاسىدا 222 ئورۇنغا، جۇمھۇرىيەتچىلەر 211 ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر