پومپېيو ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 23 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنۇلدى.

1555331
پومپېيو ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستەقىل سىياسەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى نىيۇيورك تاشقى سىياسەت مەركىزى مايك پومپېيو ئۈستىدىن ۋاشىنگتوندىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 23 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قوراللارنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە سۇنۇلغان ئەرزنامىدە، ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ھۆكۈمەتكە قورال سېتىشىنى  بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە پومپېيونىڭ يېتەرلىك تەكشۈرمەي يوللۇق سەۋەبلەر بولماي تۇرۇپلا ئالدىراقسانلىق بىلەن قورال سېتىشنى تەستىقلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەرزنامىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىش مۇساپىسىنىڭ نورمال مۇددىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «سېتىش تەستىقلىنىشتىن ئىلگىرى تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 10- دېكابىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە MQ-9B قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنىڭ سېتىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىككى قارار لايىھەسىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر