پاكىستان: ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

پاكىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1547037
پاكىستان: ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستاننىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارشى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا مەجبۇرىي تېڭىش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، ھەمدە پاكىستاننىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىدا مىسلىسىز رول ئويناۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىسلامئاباد ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.»

پاكىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ، مىللىي بىخەتەرلىك، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئېڭى دائىرىسىدە تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنىڭ ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ ئورتاق نىشانلارغا يېتىش يولىدا تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى  قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر