ئافغانىستاندا ۋالىي ياردەمچىسى بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ۋالىي ياردەمچىسى مۇھىببى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى.
1546040
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كابۇلنىڭ مىكروررېيان 4 – رايونىدا، ۋالىي ياردەمچىسى مەھبۇبۇللاھ مۇھىببىنىڭ مۇلازىمەت ئاپتوموبىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلىتىلغان. ھۇجۇمدا مۇھىببى ۋە ئۇنىڭ كاتىىپى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككى مۇھاپىزەتچىسى يارىلانغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.