ياپونىيە رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

ياپونىيە كۇرىل ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى.

1538857
ياپونىيە رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە كابېنتىنىڭ باش كاتىپى كاتو كاتسۇنوبۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ خوككايدونىڭ شىمالىغا جايلاشقان كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدىن ئېتوروفۇ ئارىلىغا «S-300V4» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ: «ئورۇنلاشتۇرۇش شىمالدىكى رايونلاردا رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى توپلىشىغا پايدىلىق. بۇ ئەھۋال دۆلىتىمىزنىڭ ئاراللارغا بولغان ئورنىغا ماس كەلمەيدۇ، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ دىپلوماتىك يوللاردىن نارازىلىق نوتاسى تاپشۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئېتوروفۇغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شىمالدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراق شەرقتە، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ۋە بۇنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىكى نەتىجىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رايوندا رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىنغان سېنارىيەلىرىدە، كۇرىل ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «S-300» ھاۋا سىستېمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئۇچۇرىغا ئورۇن بەرگەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ باياناتىدا، ئاراللارغا تۇنجى قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ «S-300» تىپىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد ئىشلەپچىقىرىشى بولغان «S-300V4» سىستېمىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى 1945-يىلى ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن ئوھوتسك دېڭىزىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تەخمىنەن 1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ ياتىدىغان كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە تەرەپ «شىمال رايونلىرى» دەپ ئاتايدىغان زېمىن پارچىسى مەسىلىسىدىكى ماسلاشماسلىق سەۋەبىدىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىز قالماقتا.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر