فىرانسىيەدە ساقچىلار  مۇساپىرلارغا مۇداخىلە قىلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ساقچىلار بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملار مۇساپىرلارنىڭ لاگېرلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، كوچىلاردا قوغلاپ يۈرۈپ، پاناھلىنىشىغا يول قويمىدى.

1533180
فىرانسىيەدە ساقچىلار  مۇساپىرلارغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە پايتەخت پارىژ شەھىرى سىرتىدىكى ساينت دېنىس فرانس ئەتراپىدىكى لاگېرى، ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلغان كۆپىنچىسى ئافغانىستانلىق يۈزلىگەن مۇساپىرلار، كەچ تەرەپلەردە، جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا بېرىپ، لاگېر قۇردى.

فىرانسىيە ساقچىلىرى لاگېردىكىلەرنى تارقاقلاشتۇردى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىدائىيلىرىنىڭمۇ ئۇلارغا يېمەك - ئىچمەك ياردەم بېرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

مۇساپىرلارنى مەيداندىن يىراقلاشۇرغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، كوچىلارغا قاچقانلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ  بىر يەرگە جەم بولۇشىغا يول قويمىدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، مۇساپىرلارنى خېلى ئۇزۇن قوغلىغاندىن كېيىن، ئېلىيې ۋېسېل ئىبادەتخانىسى مەيدانىدا توپلانغان مۇساپىرلارنى قورشاۋ ئاستىغا ئالدى.

مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشكە بارغانلار بولسا، ساقچىلار بىلەن مۇساپىرلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، «ئۇلارنى قويۇۋېتىڭلار، ئۇخلىسۇن» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مۇساپىرلارنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن ۋە ساقچىلارنىڭ قوغلىشى جەريانىدا مۇساپىرلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغان فىرانسىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ساقچىلارنى مۇساپىرلارغا مۇداخىلە قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر