پومپېيو تالىبان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تالىبان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تىنچلىق مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشتى.

1532023
پومپېيو تالىبان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پومپېيو قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا تالىبان سىياسىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى موللا بىرادەر ۋە مۇزاكىرە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەن.

پومپېيو ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ھەر ئىككى تەرەپنى مۇزاكىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر سەۋەبىدىن ماختىغان.

پومپېيو زوراۋانلىقلارنى ئازايتىش، سىياسىي يول خەرىتىسى، مەڭگۈلۈك ۋە ئەتراپلىق ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى  ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ 40 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋە تۆكۈلىۋاتقان قانلاردىن كېيىن، تىنچلىق ئىچىدە بىخەتەر ياشاشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر