ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇش توختىتىلدى

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلار باشلانغان 27-سېنتەبىر (2020) دىن بۇيان ئۈچ قېتىم ئۇرۇش توختىتىلدى.

1515800
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇش توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن (2020-يىلى 26-ئۆكتەبىر) شۇ يەر ۋاقتى 08:00 دىن باشلاپ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

ئۇرۇش توختىتىش تۈنۈگۈن (2020-يىلى 25-ئۆكتەبىر) ئامېرىكا تەرىپىدىن جاكارلاندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوگران مناتساكانيان ۋە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ 24-ئۆكتەبىر ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستىفېن بىيگان (Stephen Biegun) بىلەن كۆرۈشۈپ، 10-ئۆكتەبىر موسكۋادا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىشقا بويسۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2020-يىلى 23-ئۆكتەبىر ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەرەپلەر 2020-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن باشقا 18-ئۆكتەبىردىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلغان. بىراق، ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتەر-ئۆتمەي ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر