بوۋاق چاچ سوپۇنى ۋە ئېغىز چايقىغۇچلار كوۋىد-19 غا قارشى ياردەمچى بولالايدۇ
بوۋاق چاچ سوپۇنى ۋە بىر قىسىم ئېغىز چايقىغۇچلارنىڭ كوۋىد-19 دىن مۇداپىئەلىنىشكە ياردەمچى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1513144
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئەينەك گېزىتى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پېنس تېببىي فاكۇلتېتى مۇتەخەسسىسلىرى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتا، بىر قىسىم ئېغىز چايقىغۇچ ۋە بوۋاق چاچ سوپۇنلىرىنىڭ كوۋىد -19 نى نېيتراللاشتۇرالايدىغانلىقى بايقالغان.
تەتقىقاتچىلار ھەر كۈنى ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل مەھسۇلاتنى سىناق قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىز ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تازىلىغۇچ، ئېغىز چايقىغۇچ ۋە %1 بوۋاقلار چاچ سوپۇنى قاتارلىقلار بار.
تەتقىقاتتا، بىر پىرسەنتلىك بوۋاق چاچ سوپۇنىدا بار بولغان ئېرىتمىنىڭ 2 مىنۇتتىن كېيىن كوۋىد-19 نى %99.9 تىن كۆپرەك ئاكتىپسىزلاشتۇرغانلىقى بايقالدى.
بەزى ئېغىز چايقىغۇچ مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ 30 سېكۇنت ئىچىدە ۋىرۇسنى %99.9 تىن كۆپرەك ئاكتىپسىزلاندۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.