خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاينىڭ ئىككى چارلاش پاراخوتى شەرقىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىش ئىچىدىكى سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

1507242
خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىكى تارماقلىرى خىتاينىڭ ئىككى چارلاش پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيە دېڭىزى ئەتراپىدا چارلاۋاتقان ئىككى خىتاي پاراخوتى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 11-ئۆكتەبىر) شۇ يەر ۋاقتى 11:00 دە چېگراغا خىلاپلىق قىلىپ تايشو ئارىلى تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقان.

ئارال ئەتراپىدا بېلىق تۇتۇۋاتقان ياپونىيە پاراخوتلىرىغا يېقىنلاشقان ۋە رايوندىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان خىتاي چارلاش پاراخوتلىرى چۈشتىن كېيىن 15:00 كىچە رايوندا تۇرغان.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى بۇ يىل (2020) بېشىدىن تارتىپ 18 قېتىم ياپونىيە دېڭىز چېگرالىرىغا خىلاپلىق قىلغان. خىتاي پاراخوتلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2020-يىلى 28-ئاۋغۇست تالاش-تارتىش ئىچىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە «سېنكاكۇ»، خىتاي «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللار، بەش ئارال ۋە ئۈچ قىيالىقتىن تەركىپ تاپىدۇ. ئادەم ياشىمايدىغان تاقىم ئاراللار، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر