ھەر 16 سېكۇنتتا بىر بوۋاق ئۆلۈك تۇغۇلۇۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى، ھەر 16 سېكۇنتتا بىر بوۋاقنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1506079
ھەر 16 سېكۇنتتا بىر بوۋاق ئۆلۈك تۇغۇلۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن ئورتاق ئېلان قىلىنغان تەخمىنلەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا مىقياسىدا  ھەر يىلى تەخمىنەن 2 مىليون بوۋاق ئۆلۈك تۇغۇلىدىكەن، بۇ «ھەر 16 سېكۇنتتا بىر بوۋاق ئۆلۈك تۇغۇلىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىكەن. ئۆلۈم نىسبەتلىرىنىڭ % 84 تىنى تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەر تەشكىل قىلىدىكەن.  بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىنى ياخشى كۆزىتىش، تۇغۇتتىن ئىلگىرى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ۋە مەخسۇس تۇغۇت دوختۇرى بولۇش كېرەك ئىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇۋاتقان بوۋاقلار سانىنى ئاشۇرۇۋېتىش خەۋپى بار ئىكەن. يۇقۇم سەۋەبىدىن، سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ % 50 تۆۋەنلەپ كېتىشى تۈپەيلى، كىرىمى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا ھال 117 دۆلەتتە يەنە 200 مىڭ بوۋاقنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

تۆۋەن كىرىملىك 20 دۆلەتتە، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇش نىسبىتىدە % 20 ئېشىش كۆرۈلۈش خەۋپى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر