پومپېيو ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1498395
پومپېيو ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ھەمكارلىقنىڭ ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزدا دۆلەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. پومپېيو، تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلايدىغانلىقلىرىغا قارىتا باياناتلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەپلەرنى سۈركىلىشنى ئازايتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر