بوكو ھارامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 7 رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى
نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 7 رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى.
1497389
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون ئېنېنچېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر پولكوۋنىكنىڭ بوكو ھارام تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، «چاد كۆلى» ئويمانلىقىدا تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، بوكو ھارامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 7 رەھبىرى ئۆلتۈرۈلگەن، 4 ى تەسلىم بولغان، بۇ جەرياندا، بوكو ھارامنىڭ لاگېرلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، كۆپ مىقداردا ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن.