شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھېچقانداق دۆلەت بىلەن سوغۇق ياكى قىزىق توقۇنۇش نىيىتىدە ئەمەسلىكلىرىنى ئېيتتى.

1496158
شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ 75-يىللىق خاتىرە كۈنىگە ۋىدېئو ئەۋەتىپ قاتناشتى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  غا دۆلىتىنى جاۋابكار دېگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشنى سىياسىيلاشتۇرماسلىقنى، خەلقئارالىق كۈرەش ۋە دۇنياۋى ياخشىلىنىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئاخىرقى كىرىزىس بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، بىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى باشقا قىيىنچىلىقلارنى يىڭىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ كۆپ قۇتۇپلاشقان خەلقئارالىق تەرتىپنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىز ھېچقانداق دۆلەت بىلەن سوغۇق ياكى قىزىق توقۇنۇشقا كىرىش نىيىتىدە ئەمەسمىز. ئوخشىماسلىقلارنى تۈگىتىش ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۆزىمىزنىلا تەرەققىي قىلدۇرمايمىز، بىرى پايدا ئالغاندا يەنە بىرى زىيان تارتىدىغان ئويۇننى ئوينىمايمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر