خىتاينى ئەيىبلىگەن ماقالىسى تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتايدىن ئايرىلامدۇ؟

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېررىي برانستادنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1490180
خىتاينى ئەيىبلىگەن ماقالىسى تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتايدىن ئايرىلامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېررىي برانستادنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۋىتتېردا، برانستادنىڭ 3 يىلدىن كۆپرەك بېيجىڭدا خىزمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

پومپېيو يازمىسىدا يەنە، برانستادنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى نەتىجىنى مەركەز قىلغان، باراۋەرلىك ۋە ئادىل ھالغا كەلتۈرۈشنى مەقسىتىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېررىي برانستادنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ رەسمىي گېزىتى «People's Daily» دە ئېلان قىلىنىشى ئارزۇ قىلىنغان ماقالىسىنىڭ رەت قىلىنىشى تالاش-تارتىش قوزغىغان ئىدى.

برانستاد ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكانىڭ ئوچۇق- يورۇقلۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى (People's Daily) بۇ ماقالىنى «ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلان قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر