مايك پومپېيو خىتاي بىلەن ئىراننىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بارىدۇ

زىيارەت جەريانىدا پومپېيوغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېننىڭمۇ ھەمراھ بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

1477542
مايك پومپېيو خىتاي بىلەن ئىراننىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقان ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرى، مايك پومپېيونىڭ ئەتە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ۋە سەيشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارىدىغانلىقىنى  خەۋەر قىلدى.

پومپېيونىڭ زىيارىتىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىدىن باشقا يەنە، خىتاي بىلەن ئىراننىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭمۇ كۈن تەرتىپتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەت جەريانىدا پومپېيوغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېننىڭمۇ ھەمراھ بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دونالد ترامپ 13 - ئاۋغۇستتا ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «مۇناسىۋەتلىرىنى پۈتۈنلەي نورماللاشتۇرۇش» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، 1979 - يىلى مىسىر ۋە 1994 - يىلى ئىيوردانىيەدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللالىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئۈچىنچى ئەرەب دۆلىتىگە ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر