بېيرۇت پورتىنىڭ خىزمەتچىلىرى نازارەتكە ئېلىندى
لىۋاندا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەن بېيرۇت پورتىنىڭ 16 خىزمەتچىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن نازارەتكە ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان خەۋر ئاگېنتلىقى ن ن ئا (NNA) ھەربىي سوتنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا، شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەن 4-ئاۋغۇست (2020) تىن تارتىپ باشلانغان تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، بېيرۇت پورتىنىڭ 16 خىزمەتچىسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشنىڭ پارتلاشقا سەۋەب بولغان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ھازىرغىچە بېيرۇت پورتى كېڭىشى ۋە تاموژنا ئىدارىسى بىلەن ئاسىراش خىزمەتچىلىرى ۋە پارتلاش يۈز بەرگەن 12-نومۇرلۇق ئىسكىلات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 18 كىشىنىڭ ئىپادىسى ئېلىندى» دېيىلدى.
بېيرۇت پورتىدا دەسلەپتە پارتلاتقۇچ ماددىلار بار 12-نومۇرلۇق ئىسكىلاتقا ئوت كەتكەن، ئارقىدىن پۈتكۈل بېيرۇتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەن ئىدى.
لىۋان سەھىيە مىنىستىرى پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 135 كە چىققانلىقىنى، 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئونلارچە كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
لىۋان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 6-ئاۋغۇست) پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك بەش كۈنلۈك تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
لىۋان مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى رىياد سەلامە ھەر قايسى بانكالار ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا، پارتلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا چەك قويماستىن قەرز بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.