بېيرۇتتىكى پارتلاشتا 100 كىشى قازا قىلىپ، 4000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى

لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە يەتتى.

1467215
بېيرۇتتىكى پارتلاشتا 100 كىشى قازا قىلىپ، 4000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەىسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيرۇت پورتىدا پارتىلاتقۇچ ماددىلار ساقلىنىۋاتقان 12 - نۇمۇرلۇق ئامباردا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئوت سەۋەبىدىن كۈچلۈك پارتلاش كېلىپ چىققان. پارتلاش ئاۋازى پايتەختنىڭ پۈتۈن ئەتراپىدا ئاڭلانغان. ۋەقەدە 100 كىشى قازا قىلىپ، 4000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. يارىلانغانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

پارتىلاشتا سابىق باش مىنىستىر سائاد ئەل ھارىرىنىڭ ئۆيىدىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەت بىناسى، ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر ۋە كوچىلارمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. يېقىلىپ چۈشكەن 3 قەۋەتلىك بىنانىڭ خارابىلىقى ئاستىدا ھازىرمۇ ئىنسانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ۋەقەنىڭ ئىلگىرى مۇسادىرە قىلىنغان پارتلاتقۇچ ماددىلار ساقلىنىۋاتقان ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر ھەسەن دىياب: «بۈگۈن ئاپەتكە مەسئۇل كىشىلەردىن ھېساب سورىلىدۇ» دېدى.

لىۋاندا دۆلەتلىك ماتەم ئېلان قىلىندى، دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى پايتەخت بېيرۇتنى ئاپەت رايونى دەپ ئېلان قىلدى.

بۇ پارتلاشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەلقئارا لىۋان سوتىنىڭ سابىق باش مىنىستىر رەفىق ھارىرىنىڭ (2005 - يىلىدىكى) دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى ئېلان قىلىشىغا بىر قانچە كۈن قالغاندا يۈز بېرىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتتىكى پارتلاش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى يەرلىك مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەقە بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلىپ، پارتلاشنىڭ تاسادىپىي ۋەقە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىمۇ پايتەخت بېيرۇتتىكى پارتلاشنىڭ مەنبەسىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە قورال ئامبىرىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان ھۇجۇمى، دېگەن قاراشنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر